خىتاينىڭ خوتەندىكى بىرنەچچە مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكى ئىسپاتلاندى


خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خوتەن شەھىرىدىكى بىرنەچچە مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئېھتىمالى بولغان ئۆلىمالارنى ۋە ئىخلاسمەن خەلقنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن كېيىن، مەسچىتلەرنى چېقىشقا باشلىغان. 
پىدائىيلىرىمىز 2016-يىلىدىكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر بىلەن 2019-يىلى تارتىلغان سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، خوتەن شەھىرىدىكى چوڭ بازار ھېيتگاھ مەسچىتى، ئات بازىرى مەسچىتى، دۇلىڭ مەسچىتى، بەيتۇللاھ مەسچىتى، گۇجان دەرۋازا مەسچىتى، قىزىق دەرۋازا مەسچىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

 

بۇ خەۋەر 1957 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2019 19:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق