خىتاي ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتكەن

 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدىكى مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ خې ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 9-ماي ۋاشىنگتونغا بارىدىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپنىڭ سودا كېلىشىمدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىپ تەييارلىغان دەسلەپكى نۇسخىسىمۇ ۋاشىنگتونغا ئەۋەتىلگەن. بۇ نۇسخا 150 بەتكە يېتىدىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ كېلىشىمنامە مەزمۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ مۇھىم شەرتلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.
خەۋەردە ئىككى تەرەپ سودا كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنىڭ يەتتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقانلىقى، بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن سودا ئۇرۇشى قوزغىشىغا سەۋەب بولغان بەزى مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتا خىتاي تەرەپنىڭ مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقئارا سودىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا كېلىش تەلەپ قىلىنغانلىقى، بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىشى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستىشى، نامۇۋاپىق رىقابەت، مالىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى مونوپوللۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ ليۇ خې ۋاشىنگتونغا سودا سۆھبىتى ئۈچۈن كەلگەن ۋاقتىغا ئۇدۇللاپ، تىۋىتتېردا خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى %10 تىن %25 كە ئۆستۈرمەكچى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2019 19:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق