خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋېزىيەسى تارماقلىرى بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا قارشى تۇرۇش» نامىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى» ئورگان تورىنىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى 2024-يىلى 5-ئايدىن 2025-يىلى 12-ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن. خەۋەردە خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق مەبلەغ توپلاش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مالىيە بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى نىشان قىلغانلىقى، بىر قاتار يوشۇرۇن خەتەرلەرنى بالدۇر بايقاش، چوڭ دېلولارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنى نىشان قىلىنغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئاتالمىش «زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى» ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 2024-يىلىنى ئاتالمىش «تور پىتنە-ئىغۋالىرىغا زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى يىلى» قىلىشنى قارار قىلغانىدى ۋە «پاكىز تور بوشلۇقى مۇھىتىنى ھەقىقىي قوغداش» دېگەن نام بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىشغالىيەتچى خىتاي يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» دېگەندەك تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئىزچىل ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، باستۇرۇپ قىرغىن قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ خىل ناملار ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا قارشى تۇرۇش» نامىدا قوزغىغان بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتىمۇ ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىدىن، باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش قالپىقى ئاستىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2646 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2024 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق