خىتاي رۇسىيەدىن S-400 مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالدى

خىتاي رۇسىيەدىن S-400 مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالدى

24- ئىيۇل رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك مەنبەلەرگە ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى رۇسىيەنىڭ ست پېتېرسبۇرگ شەھىرىگە يېقىن جايدىكى ئۇست-لۇگا پورتىدىن خىتايغا ئەۋەتىلىشكە باشلىغان.
خەۋەردە S-400 مۇداپىئە سىستېمىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش جەريانىنىڭ تۈركىيەدىكىگە ئوخشاشلا كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن مۇددەتتىن بۇرۇن باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ 2014-يىلى رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ تۇنجى چەتئەللىك خېرىدارى بولغانلىقى، بىرىنچى باسقۇچلۇق تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى تاماملانغانلىقى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدە تاپشۇرۇپ ئېلىنغان سىستېمىلارنى ئوڭۇشلۇق سىناقتىن ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 859 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2019 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق