ھىندىستان رۇسىيەدىن «S-400» سېتىۋالىدىغان بولدى

ھىندىستان رۇسىيەدىن «S-400» سېتىۋالىدىغان بولدى
دوۋېي خەۋەرلىرى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان رۇسىيەدىن سېتىۋالماقچى بولغان «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈچۈن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان.
خەۋەردە رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى يۇرىي بورىسوف مۇخبىرغا روسىيەنىڭ ھىندىستانغا «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك زاكالەت پۇلى ئالغانلىقىنى، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىشنى باشلاشنى پىلانلىغانلىقىنى، زاكالەت پۇلىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنىڭ 18 ياكى 19 ئاي ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيەنىڭ ھىندىستانغا جەمئىي بەش مىليارد 430 مىليون دوللارلىق «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى 2018-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىمزالانغان.
ھىندىستان بىلەن رۇسىيە بۇ كېلىشىمنى تۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھىندىستاننى بۇ سودىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان ۋە ئەگەر ۋاز كەچمىسە، ھىندىستانغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 695 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2019 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق