ئاۋسترالىيە a b s تېلېۋىزىيەسى لاگېرلار ھەققىدە ڧىلىم ئىشلەشكە باشلىدى

 

ئۆز خەۋىرىمىز: 10-ماي ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىپتارلىق زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى. زىياپەتنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ. ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 300 گە يېقىن كىشى زىياپەتكە قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇسالام ئالىم قارىھاجىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇملارنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرۋاقىت ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەكىتلىدى. ئىپتار ۋاقتىدا كۆپچىلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

زىياپەتكە يەنە ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان ئا ب س قانىلىمۇ قاتناشقان بولۇپ، زىياپەت جەريانىنى سۈرەتكە ئالدى ۋە ئىككى ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى مەسىلىسى ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1358 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2019 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق