خىتاي مەكىت ناھىيەسىدە ھەممىباب ئايرودۇرۇم سېلىشنى پىلانلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، ئاتالمىش «بىر يول، بىر بەلباغ» پىلانىنى توسالغۇسىز ئىجرا قىلىش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسىدە ھەممىباب ئايرودۇرۇم سېلىشنى پىلانلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، مەكىت ناھىيەسىدە ھەممىباب ئايرودۇرۇم سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، مەكىت ھەممىباب ئايرودۇرۇمىنىڭ ئورۇن تاللاش دوكلاتىنى باھالاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. باھالاش يىغىنى ئارقىلىق، مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال شارائىتىنىڭ بىرقەدەر ياخشى ئىكەنلىكى، A1 دەرىجىلىك ھەممىباب ئايرودۇرۇم قۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەكىت ناھىيەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جەنۇبتا قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەربتە يەكەن ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، شىمالدا يەكەن دەرياسى ئارقىلىق مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شەرقتە تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. خىتاي مەكىت ناھىيەسىنى يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى بەش ناھىيەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر ۋە شەرقىي تۈركىستاننى كەڭ ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم رايون، دەپ قارىغان. بۇ قېتىم مەكىت ناھىيەسىگە سالماقچى بولغان ھەممىباب ئايرودۇرۇم خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى مۇھىم ئورۇن ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ھەم ئىسپات ئېلىنغان A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن ئىككىسى، ئىشلىتىلىۋاتقان B تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن 11سى، ئىشلىتىلىۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرودۇرۇمىدىن تۆتى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا قۇرۇلۇۋاتقان A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇلار قاغىلىق ھەممىباب ئايرودۇرۇمى، ئارشاڭ ھەممىباب ئايرودۇرۇمىدىن ئىبارەت ئىكەن. پىلاندا لايىھەلەنگەن تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئۇچۇش مۇلازىمەت پونكىتىدىن ئۈچى بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتاي، قاراماي، چەرچەندە ئىكەن. جىڭ، چىرا ھەممىباب ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشلىرىدا ئالدىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش تېزلىكتە داۋاملاشماقتىكەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللىرىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2975 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2024 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق