ئامېرىكا 750 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا 750 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى 750 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىغان.
خەۋەردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالىي پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشى «دۆلەت مۇداپىئەسى قانۇنىي ھوقۇققا ئىگە قىلىش قانۇن لايىھەسى»نىڭ 750 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقى، لايىھەنىڭ 8 گە قارشى 86 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۈچۈن 642 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلغان لايىھەدە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 23 مىليارد دوللار، ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بولسا 75 مىليارد دوللار ئاجرىتىلغانلىقى، خامچوتنىڭ قالغان قىسمىنىڭ جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە ئالىي پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن خامچوت مىقدارىنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن خامچوت مىقدارىدىن 17 مىليارد دوللار كۆپ ئىكەنلىكى، بۇنىڭ سەۋەبى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتچىلار بىرلىككە كېلەلمىگەن چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە يادرو باشلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇيدىغان يېڭى ئەۋلاد سۇ ئاستى پاراخوتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ماددىلارنىڭمۇ بار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 765 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2019 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق