ئامېرىكا 5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا چاقىرىق قىلدى

ئامېرىكا 5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا چاقىرىق قىلدى
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى جىم مىكگوۋېرن ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ماركو رۇبىيو بايانات ئېلان قىلىپ , خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر , قازاق ۋە باشقا مىللەت خەلقىنى تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا چاقىردى.
باياناتتا خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىپ كەلگەنلىكى , ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقى , بۇ يىل 3-ئاپرېلدا 46 پالاتا ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان خەتنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جاۋابسىز قالدۇرغانلىقى , بۈگۈنكىدەك بىر ئالاھىدە خاتىرە كۈندە بۇ چاقىرىقنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو, مالىيە مىنىستىرى سىتېۋېن مىنۇچىن ۋە سودا ئىشلىرى مىنىسىتىر ۋىلبۇر روس قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا چاقىرىق قىلىنىپ, خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى, بولۇپمۇ چىن چۈەنگو ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى مىگنىتىسكى قانۇن لايىھەسى بويىچە جازالاش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن .

بۇ خەۋەر 1165 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2019 23:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق