تۈركىيە ئارمىيەسى 11 يېزىنى تېررورچىلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى 11 يېزىنى تېررورچىلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلدى
11- ئۆكتەبىر خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى ئۈچ كۈنلۈك ھەربىي ھەرىكەتتە 277 تېررورچىنى يوقۇتۇپ 11 يېزىنى ئازاد قىلغان.
خەۋەردە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن سۈرىيەدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «تىنچلىقى بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغانلىقى، بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ تېروررچىلىرى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشتا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى،
«تىنچلىقى بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ كېچە –كۈندۈز توختىماستىن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، يوقۇتۇلغان تېررورچى سانىنىڭ 277 گە يەتكەنلىكىنى، ھەربىي ھەركەت جەرياندا، تېل ئابياد ۋە راسۇلەيندىكى 11 يېزا تېررورچىلاردىن تازىلىنىپ ئازاد قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 583 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2019 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق