نېپالدىكى داۋالغۇش ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى كۈچەيتتى

نېپالدىكى سىياسىي داۋالغۇشنىڭ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى كۈچەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

نىككې ئاسىيا تورىنىڭ 16-مارت خەۋەر قىلىشىچە، نېپالنىڭ ئىككى كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولغان ماۋزېدۇڭچىلار مەركىزى بىلەن ماركسىزمچىلار-لېنىنىزمچىلار ئىتتىپاقىدىن تەركىب تاپقان نېپالنىڭ يېڭى سىياسىي ئىتتىپاقى بۇ دۆلەتنى خىتايغا يېقىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مالدىۋېنىڭ خىتايپەرەس يېڭى رەھبىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھىندىستاننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ھىندىستان بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنى تارتىشقا باشلىغان. مەزكۇر ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى دەل بۇ ۋەزىيەتكە ئەگىشىپلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشى ھەققىدىكى پەرەزلەرنى كۈچەيتىۋەتكەن.

خىتاي ئاللىبۇرۇن مەزكۇر يېڭى ئىتتىپاقنى تەبرىكلىگەن ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەن. بۇ خىل ئۆزگىرىش بېنگال ۋە بۇتان بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ۋە سىرىلانكىدا دىپلوماتىك ئورۇنغا ئېرىشكەن ھىندىستانغا نىسبەتەن بىر ئوڭۇشسىزلىق دەپ قارالغان.

ھىندىستان بۇ مەسىلىگە رەسمىي ئىنكاس قايتۇرمىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نېپالدىكى تالاش-تارتىش دېھلىغا نىسبەتەن ئېنىق ئوڭۇشسىزلىق ئىكەن. چۈنكى يېڭى ئىتتىپاق يەنە بىر قانچە كىچىك سولچىل پارتىيەلەرنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلغان.

خىتاي بۇ سىياسىي داۋالغۇشنىڭ پەردە ئارقىسىدا رول ئوينىغان بولۇپ، خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالمىشىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن نېپالنى زىيارەت قىلغان ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1537 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2024 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق