داڭلىق ئون چەت ئەل شىركىتى كەينى-كەينىدىن خىتايدىن چېكىنگەن

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، داڭلىق ئون چەت ئەل شىركىتىنىڭ كەينى-كەينىدىن خىتايدىن چېكىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتايغا نەزەر تورىنىڭ 16-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبلىك چەت ئەل شىركەتلىرىمۇ ئاستا-ئاستا چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان. يېقىندا ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ چاق، بالون ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى Bridgestone شېنياڭدىكى زاۋۇتىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مىڭلىغان خىتاي ئىشچى ئىشسىز قالغان. بۇلتۇردىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ كانون ۋە كورىيەنىڭ سامسۇڭ قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق ئون شىركەت خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، نەچچە ئونمىڭلىغان خىتاي ئىشچىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، Bridgestone 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا گۇاڭدۇڭنىڭ خۇيجۇدىكى زاۋۇتىنى تاقاپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى شېنياڭدىكى زاۋۇتىغا يۆتكىگەن. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ زاۋۇتىمۇ تاقىلىپ قالغان. 27-فېۋرال شىركەت بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 26-يانۋار شېنياڭ زاۋۇتىدا ماشىنا چاقى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقانلىقىنى ۋە 29-فېۋرال زاۋۇتنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا خىتايدىكى چاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مۇلازىمىتىنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدىن ئايرىلغان دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەردىن كانون شىركىتىنىڭ كامېرا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تېلېۋىزىيە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، سونى شىركىتىنىڭ كامېرا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، توشىبا شىركىتىنىڭ خاتىرە كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، نىكون شىركىتىنىڭ كامېرا زاۋۇتى، ئامازون شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سۇپىسى، LinkedIn شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى، ئامېرىكا مىنتز گۇرۇھىنىڭ خىتايدىكى يۇمشاق دېتال ئېچىش مەركىزى ۋە ياپونىيەنىڭ ئاستېللاس دورىگەرلىك گۇرۇھىنىڭ خىتايدىكى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى تايلاند، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىگەن ياكى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ كەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1314 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2024 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق