ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىپتار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

15-مارت ئىستانبۇلدىكى تاكسىم جامەسىدە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىپتار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن ئىستانبۇل مۇسۇلمانلار مەجلىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقى ئاستىدا، تاكسىم جامەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن ئىپتار قىلدۇرۇلدى.

پائالىيەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننى قوللاشنىڭ نېمە ئۈچۈن تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى، پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەقتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3621 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2024 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق