شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭنى كېڭەيتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى ۋە خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم ئىمزالىغان.

خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-مارت خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ۋە خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭدا خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئورتاق بازا قۇرۇش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان.

كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، دىۋىزىيەنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى يىفېي، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يۈ يىڭجيې، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ گۇاڭفۇ، خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دەي خوۋلياڭ، باش دىرېكتورى خوۋ چىجۈن قاتارلىقلار قاتناشقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بازىسىنىڭ يوپۇقى 2023-يىل 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ بازىنىڭ ئۈچ تەرەپ ئارىسىدىكى «ئورتاق بەھرىلىنىش، تەڭ نەپ ئېلىش»، خادىم يېتىشتۈرۈش، تەكشۈرۈش، قېزىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاي خەۋەرلىرىدە ھەر يىلى ئېلان قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغانلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكى، بۇنچە كۆپ تەبىئىي بايلىققا ئىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھېلىھەم نامراتلىق ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇم قىلىنغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4405 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2024 12:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق