NATO بىلەن خىتاي بىخەتەرلىك سىياسىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن خىتاي بېيجىڭدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە باشقا بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە بىخەتەرلىك سىياسىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن خىتاي 13-مارت بېيجىڭدا «8-نۆۋەتلىك شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-خىتاي بىخەتەرلىك سىياسىتى دىيالوگى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە خەلقئارا ھەربىي ئىشلار باش ئىشتابى ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دېيشىن تىبېريۇ شېربان رەھبەرلىك قىلغان. خىتاي تەرەپكە خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقى ئىشخانىسى مۇئاۋىن مۇدىرى ياۋ چىن رەھبەرلىك قىلغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، خۇسۇسەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلىشى، دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. بىراق خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بۇلار تىلغا ئېلىنمىغان.

باياناتتا يەنە: «ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېيىلگەن. شېربان ھەربىي ئىشلار سۆھبىتىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ئاشكارىلىقنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېنس سىتولتېنبېرگ كۆپ قېتىم: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسلىدە خىتاينى رەقىب دەپ قاراشنى خالىمايدۇ، ئەمما خىتاي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىدى. خىتاي ئاشكارا ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەجبۇرلاش سىياسىتى بىزنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزغا خىرىس قىلدى» دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي بولسا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ مەيدانىغا قارا سۈركىگەنلىكى ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1869 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2024 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق