خىتاينىڭ تونكىن قولتۇقىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق زومىگەرلىكى نارازىلىق قوزغىدى

خىتاينىڭ تونكىن قولتۇقىنىڭ شىمالىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىگىلىك ھوقۇق دەۋا قىلىشى نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، ۋىيېتنام خىتاينى خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 14-مارت خىتاينى دېڭىز تەۋەلىكى ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە، خەلقئارا قانۇن ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر باياناتچىدىن خىتاينىڭ 3-ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان تونكىن قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى سىزىقى ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، باياناتچى يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان.

خىتاي بۇ ئاينىڭ بېشىدا تونكىن قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى سىزىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، 1992-يىلى 2-ئايدا ماقۇللانغان «خىتاينىڭ تېررىتورىيەلىك دېڭىز ۋە تۇتاش رايونلار قانۇنى»غا ئاساسەن، تونكىن قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى ۋە چېگرا نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر يۈرۈش سىزىقلارنى بېكىتكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا، خەلقئارا قانۇن ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمگە قاتتىق رىئايە قىلغانلىقى، خىتاينىڭ تونكىن قولتۇقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ۋىيېتنامنىڭ ھوقۇقى ۋە ھەرقانداق ئۈچىنچى دۆلەت مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەر دېڭىز تەۋەلىكى سىزىقىنى ئۆلچەش-سىزىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1982-يىلى ماقۇللىغان دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە خىتاي بىلەن ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئېغىر ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشىشى بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ تونكىن قولتۇقىدا بىر قەدەر تىنچ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. ئىككى تەرەپ 2000-يىلى تونكىن قولتۇقىنىڭ چېگراسىنى ئېنىقلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىپلا قالماي، يەنە شى جىنپىڭ بۇلتۇر 12-ئايدىكى ۋىيېتنام زىيارىتى جەريانىدا تونكىن قولتۇقىدا بىرلەشمە چارلاشقا قوشۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1633 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2024 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق