ئامېرىكا كانادانى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىكتە چەكلەشكە چاقىردى

ئامېرىكا كانادانى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىكتە چەكلەشكە چاقىردى.

كانادا «يەرشارى ۋە پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پۇقرالار بىخەتەرلىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇزرا زېيا 12-فېۋرال مەزكۇر گېزىتقا: «ئامېرىكا كانادا ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن، كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش مەسىلىسىدە ئاكتىپ سۆھبەتلىشىپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇزرا زېيا ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلەپلا قالماي، يەنە 2021-يىلى قانۇن ماقۇللاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ياسالغان، دەپ بېكىتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك دىپلوماتىك قورالى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى سادىر قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قانۇنلۇق داۋام قىلىشىنى ھەقىقىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 1-ئىيۇل تاموژنا بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن. ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ خىل ماللارنىڭ كاناداغا كىرىشى توختىتىلمىغان.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرانى قوغداش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان خىتاي ماللىرىنى جەمئىي 2972 قېتىم توسۇپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1645 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2024 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق