دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىمۇ خىتاينىڭ چېقىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى

خىتاي بۇ يىل ئاتالمىش «شەھەر، يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نامىدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ «يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان» ئۆيلىرىنى چېقىپ، قايتا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 13-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى لى لىنيۈ بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «شەھەر، يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نامىدا چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىنى «ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ» چىقىدىغانلىقىنى، ئېغىر بىخەتەرلىك خەۋپى ساقلانغان ئۆيلەرنى چېقىپ، قايتا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا 2 مىليون 669 مىڭ 800 ئائىلىلىك ئاتالمىش «يېزا ئەمىن ئۆيى» سېلىنغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت 11 مىليونغا يېقىن دېھقان-چارۋىچىغا چېتىلىدىكەن.

لى لىنيۈنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل خىتاي رېجىمى 1991-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىپ چىقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇچتۇرپان، ئاقچى ناھىيەلىرىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى باشلايدىكەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر-ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي چېقىشقا، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىپ كەلگەنىدى. خىتاي بۇ يىلمۇ مەزكۇر رەزىل پىلانىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىشنى پىلانلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4288 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2024 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق