خوڭكوڭدا شەھەر قاتنىشى قىسمەن توختىتىلدى
ئامرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىشتا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلارنىڭ توقۇنۇشى كۈچىيىشى سەۋەبلىك شەھەر قاتنىشى قىسمەن توختىتىلغان.
خەۋەردە خوڭكوڭدا ساقچىلار باشلىغان تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا خوڭكوڭ ئارىلى ۋە كوۋلۇن سىتى رايونلىرىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك بارلىق مېترو قاتنىشىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى، 60تىن ئارتۇق يولدا كوچا ئاپتوبۇسلىرىنىڭ قاتنىشى توختىتىلغانلىقتىن، شەھەرنىڭ قاتناش ئۈزۈلۈپ قېلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغانلىقى، ساقچىلارنىڭ موڭ كوك، شاھزادە ئېدۋارد، كۋۇن توڭ مېترو بېكەتلىرىدە نامايىشچىلارنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى، ۋان چاي رايونىدا بولسا كەم دېگەندە ئون نامايىشچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىنى قوللىشى، خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرىگە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ساقچىلار نامايىشچىلارنى كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇپ تارقاقلاشتۇرۇشقا، ھەتتا خەلقنىڭ نامايىشقا چىقىشىنى چەكلەشكە باشلىغان.