تەيۋەن خىتاي ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

تەيۋەن خىتاي ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتى تۈنۈگۈن «خىتاينىڭ 2019-يىلى ئىككىنچى پەسىللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىككىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %6.2 بولۇپ، 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان.
ياشلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتتا ئارقىدا قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى «ياشلارنى يېزىلارغا سەپەرۋەر قىلىش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقى تېخىمۇ زورايغان بولۇپ، 500 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ھېچقانداق پۇل ئامانىتى بولمىغان.
ئۇندىن باشقا دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ پەسىلدە دېڭىز چېگرا رايونلىرىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كۆپەيتكەنلىكى، ئۇيغۇلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى، خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ ماڭغانلىقىنى قاتارلىق مەسىلىلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 853 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2019 19:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق