نۇر بەكرىگە سوت ئېچىلدى

نۇر بەكرىگە سوت ئېچىلدى
بۈگۈن 25 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سابىق خىتاي ئىنىرگىيە ئىدارىسى باشلىقى نۇر بەكرىگە پارىخورلۇق جىنايىتى ئارتىپ سوت ئاچتى.
سوت ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزدە ۋەزىپە ئۆتىگەن 1998 - يىلىدىن تارتىپ 2018 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ 79.1 مىلىيون يۈەن پارا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە، خىتاي تەرەپ سوتتا پۈتۈن قانۇنى تۈزۈملەرنىڭ تولۇق ئادا قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ۋە نۇر بەكرىگە سۆز بېرىلگەنلىكى، نۇر بەكرىنىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ تۆۋبە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
سوتقا لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ مىللەت ۋەكىللىرىدىن ئۈچ كىشى، پارتىيە ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە خەلق ئاممىسى بولۇپ 50 كىشى قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەمما نۇر بەكرىگە بېرىلگەن جازا ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ كېيىنكى سوتقا كېچىكتۈرۈلگەن.
كۈزەتكۈچىلەر، نۇر بەكرى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مىللىي كادىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقانداق ۋەزىپىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قاتتىق كۈزىتىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ نۇر بەكرىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا قورچاق رەئىس بولغاندىن تارتىپ ئاخىرقى ۋەزىپىسىگە قەدەر ئالغان نەپەسلىرىگىچە خىتاينىڭ نازارىتىدە بولىدىغان بىرىنىڭ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بۇنداق بىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىشى خىتاينىڭ ئۇنى كۆزدىن يوقۇتۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان باھانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1402 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2019 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق