فىنلاندىيەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىنلاندىيەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

7-ئىيۇل فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.
نامايىش كۈنى يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. كۆرگەزمە ساياھەتچىلەر كۆپ كېلىدىغان چوڭ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇندىن باشقا نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، شەھەر كوچىلىرىدا يۈرۈش قىلغان. نامايىشتا يەنە ئىنگلىزچە، تۈركچە، فىنلانچە ۋە ئەرەبچە خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىنغان.

 

بۇ خەۋەر 1516 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2019 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق