گوگېل شىركىتى خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى چەتئەلگە يۆتكىگەن

گوگېل شىركىتى خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى چەتئەلگە يۆتكىگەن

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گوگېل تورى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن خىتايدىكى قاتتىق دېتال ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى چەتئەلگە يۆتكەشكە باشلىغان.

ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوگېل شىركىتى ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنىدىغان مۇلازىمىتېر ئاساسىي تاختىسى قاتارلىق كۆپ قىسىم قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنيەسىنى خىتايدىن تەيۋەنگە يۆتكىگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى قارارىغا ئاساسەن خىتايدىن ئېلىنىۋاتقان %25 لىك تاموژنا بېجىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىپ، ئامېرىكا بازىرىغا سالىدىغان بىر قىسىم شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى خىتايدىن يۆتكەپ كېتىشكە باشلىغان. مەسىلەن: داڭلىق ماركىلاردىن Nest, GoPro, Nintendo قاتارلىق شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تەيۋەن، مالايشىيا، مېكسىكا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەرەپلەرگە يۆتكەشكە باشلىغان.

تەيۋەن فۇشىكاڭ گۇرۇھىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى خىتايدىن يۆتكىمەكچى بولسا، فۇشىكاڭ شىركىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئالما مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە قۇراشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە گەرچە گوگېل شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشى ئالما شىركىتىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما گوگېل شىركىتىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە بىلدۈرۈشىچە، گوگېل شىركىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتا بېسىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكى سەۋەبلىك بۇ قارارنى چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. ئەمما گوگېل بۇ ھەقتە تېخى ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، خىتاي دائىرىلىرى مىكروسوفت، دېل(Dell)، سامسۇڭ قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئەگەر ئۇلارمۇ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى مۇھىم تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەش قارارىغا ماسلىشىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتىنىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە گوگېل شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلەش قارارىغا ئاساسەن خۇاۋېي شىركىتىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ كەچۈرۈم ئېلان قىلىشى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، خۇاۋېي شىركىتىگە داۋاملىق مەھسۇلات سېتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلغان.

بۇ خەۋەر 1082 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2019 09:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق