ئىستىقلال تىلىمىزدىكى بىر نەچچە سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى

ئىستىقلال

تىلىمىزدىكى بىر نەچچە سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى

ئالماس ھاجى

 

 

 

 1. شېھىت: (ئىسلام) دىنى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە قۇربان بولغان، دىن ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شەخس؛ ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن، ھەققانىيەت ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان، ھەقىقەت ئۈچۈن قۇربان بولغان كىشى.

 2. جىھاد: (ئىسلام) دىنى ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇش.

 3. كۈرەش: قارىمۇقارشى تەرەپلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۆزئارا توقۇنۇشى، ئېلىشىشى؛ دۈشمەنلەشكەن تەرەپلەر ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش، جەڭ؛ بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش، بىرەر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان پائالىيەت.

4. ئىنقىلاب: زورلۇق كۈچ ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش، كونا ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈم بەرپا قىلىش؛ ئىسلاھات، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش.

5. ۋەقە: تارىختا ياكى جەمىيەتتە بولۇپ ئۆتكەن، يۈز بەرگەن ھادىسە، ئىش؛ تاسادىپىي يۈز بەرگەن ھادىسە، كېلىشمەسلىك.

6. توپىلاڭ: قالايمىقان، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، جىدەل-ماجىرا؛ ئىسىيان،

7. قىرغىن: كوللېكتىپ ئۆلتۈرۈش.

8. ئىرقىي قىرغىنچىلىق: بىرەر قەۋم ياكى مىللەتنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆلتۈرۈش.

9. قەتلى (قەتل): ئۆلتۈرۈش

10. قەتلىئام: ئومۇمىيۈزلۈك قىرغىن قىلىش، ئۆلتۈرۈش.

11. مۇھاجىر: ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ باشقا دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقان، باشقا ئەلدە ياشاۋاتقان كىشى.

12. مۇھاجىرەت: ئۆز ۋەتىنىدىن باشقا دۆلەتلەر.

13. مۇداخىلە: باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش، قورال كۈچى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماق؛ قورال كۈچى بىلەن بېسىپ كىرمەك،

14. ئىسيان: ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەرنى ھىمايە قىلىپ كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ.

15. غازات: (ئىسلام) دىن يولىدا قىلىنغان ئۇرۇش، جەڭ.

16. ھىجرەت: ئۆز يۇرت-ماكانىدىن كېتىش. (ئىمانىنى، دىنىنى قوغداش، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كىندىك قېنى تۈكۈلگەن سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن ئايرىلىش.)

17. قىممەت: تاۋاردا ئەكس ئەتكەن ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك. قىممەت مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەھسۇلات، مەبلەغ، ئەمگەك ۋە ماتېرىياللارنىڭ پۇل بىلەن ئىپادىلىنىشى، سودا-سېتىقتىكى باھا-نەرقى؛ كىشى ياكى نەرسىنىڭ تۇرمۇشتا تۇتقان ئورنى، ئەھمىيىتى، قەدرى؛ سان بىلەن ئىپادىلەنگەن مىقدار، نەتىجە؛ بىباھا، قەدىرلىك، ئەزىز قاتارلىق مەنىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

18. قىممەت قاراش: كىشىنىڭ قىممەت ئىپادىلىگەن ئوبيېكت ۋە مەزمۇنغا بولغان ئىنكاسى، پوزىتسىيەسى.

 

مەنبە: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

بۇ لۇغەتتىكى ئەرەبچىدىن تىلىمىزغا ئۆزلەشكەن دىنغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىدا ئېنىقسىزلىق بولۇشى تەبىئىي. ئەرەبچە بىلىدىغانلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 

بۇ خەۋەر 4297 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2019 11:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق