ھىندونېزىيە خەلقى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە...

 


17-فېۋرال يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ھىندونېزىيە ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھىندونېزىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.

دوكتور ئابدۇسالام 24-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ھىندونېزىيە  Yogyakarta    شەھىرىدىكى  Baiturrahim جامەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىسلامىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز – ئاياللارنى ياغلىق چەككەنلىكى ئۈچۈنلا ئېغىر چازالىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

دوكتور ئابدۇسالام 24- ڧېۋرال چۈشتىن كېيىن ھىندونېزىيەنىڭ Yogyagartaشەھىرىدىكى   Taqwa, Brebah جامەلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، خىتاي شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ باشقا يەرلەرگە سەپەرگە چىقىشنى چەكلىگەنلىكىنى ھەتتا بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن روخسەت سوراشقان مەجبۇر قىلغانلىقىنى، ھەر خىل ئىنسان ئەقلى قوبۇل قىلمايدىغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.

دوكتور ئابدۇسالام 24- ڧېۋرال چۈشتىن كېيىن يەنە، ھىندونېزىيەنىڭ Yogyagartaشەھىرىدىكى   al-Firdevs جامەسىدە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.  

بۇ خەۋەر 24692 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2019 18:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق