شاڭخەيدە بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

 

16- ماي خىتاي سەھەرلىك گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شاڭخەي شەھىرىدە بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن كىشى بىنانىڭ ئاستىدا قالغان.

 

خەۋەردە، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 11:00 ئەتراپىدا شاڭخەي شەھىرىدىكى بىر  بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن زاۋۇت بىناسىنىڭ خارابىلىقى ئاستىدىن 15 كىشىنىڭ  قۇتقۇزۇپ چىقىلغانلىقى، تەخمىنەن 20 كىشىنىڭ بىنا ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقى،  

بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن جايغا نۇرغۇن ساندا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىدىي داۋالاش ئەترەتلىرى يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە، بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە رېمۇنت ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 10281 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 12:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق