خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشتى

 

تەيۋەن خەۋەر ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىشكە باشلىغان.

خەۋەردە تەيبېيدىكى ھىندى-تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىك مۇنبىرىدە سۆز قىلغان تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىننىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىدىكى پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ يول ئارقىلىق تەيۋەنگە بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن يەنە تۈنۈگۈن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ فىلىپپىن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋر جەريانىدا تەيۋەن بىلەن فىلىپپىننى ئايرىپ تۇرىدىغان قانال ئۈستىدىن ئۇچقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، خىتايغا قارشى ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، تەيۋەن قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تەيۋەننى مۇھاپىزەت قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە،  خىتاينىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى باشقارمىسى باياناتچىسى ما شىياگۇاڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىننىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق، مۇقىملىق بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزگەنلىكىنى، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتۇپلىشىش پەيدا قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، تەيۋەن تەرەپنىڭ مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 6539 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2019 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق