ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى قايتا باشلىنامدۇ؟

ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى قايتا باشلىنامدۇ؟

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىكى ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبىتىنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە خىتاي سودا مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گۇا فىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «خىتاي ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى ئىيۇن ئېيىدا ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىكىگە بىنائەن سودا مۇزاكىرىسىنى قايتىدىن باشلايدۇ. خىتاي تەرەپنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتى ۋە ئەندىشلىرى مۇناسىپ ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك. ھەر ئىككى تەرەپ باراۋەر دىيالوگ يولى ئارقىلىق ئەندىشىلىرىگە ئېتىبار بەرگەن تەقدىردە، ھەر ئىككى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشچە ئىككى تەرەپ سودا سۆھبىتىگە مەسئۇل خادىملار ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرغان. دونالد تىرامپ 300 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىدىن قوشۇمچە تامۇژنا بېجى ئېلىش پىلانىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دونالد تىرامپ يەنە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى بەلگىلىك شەرت ئاستىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن.

بۇ خەۋەر 632 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2019 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق