ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىششى پاي چېكى باھاسىنى چۈشۈرۈۋەتتى

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىششى پاي چېكى باھاسىنى چۈشۈرۈۋەتتى

8-ئۆكتەبىر نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى خەۋرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى سەۋەبلىك چارشەنبە كۈنى ئاسىيادىكى پاي چېكى باھاسى چۈشۈپ كەتكەن.
خەۋەردە ياپونىيە پاي چېكى بازىرىنىڭ بىر كۈنلۈك تۆۋەنلىشى %0.8 كە، خوڭكوڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى %0.3 كە، خىتايدىكى پاي چېكى بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى %0.1 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ ھەپتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان سودا سۆھبىتىدىن ئىلگىرى پاي چېكى بازىرى بىر-ئىككى كۈن ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە مەركەزلەشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قارا تىزىملىكى ئىچىدىكى خىتاينىڭ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتال سودا تەرققىيات شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسى سەيشەنبە كۈنى %2.7 چۈشۈپ كەتكەن. خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېراسى ئىشلەپچىقىرىش سودا شىركەتلىرىدىن خەيكاڭ بىلەن داخۇامۇ سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ پاي چېكى سودىسنى ۋاقتىنچە توختاتقان.

بۇ خەۋەر 563 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2019 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق