خىتاي خەلق پۇلى 7.0 ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

خىتاي خەلق پۇلى 7.0 ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

ئاۋسترالىيەلىكلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈن خىتاي خەلق پۇلىنىڭ دوللار پېرېۋوت نىسبىتى 7.0لىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2018-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللارلىق مېلىدىن %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى قايتىدىن جىددىيلەشكەن. بۈگۈن خىتاي خەلق پۇلىنىڭ چەتئەلدىكى دوللار پېرېۋوت نىسبىتى 7.1085كە، خىتايدىكى پېرېۋوت نىسبىتى 7.0307كە چىققان. بۇنىڭ تەسىرىدە ئاۋسترالىيە پۇلىنىڭ دوللار پېرېۋوت نىسبىتىمۇ بۈگۈن %0.4 چۈشۈپ، ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ چۈشۈشىگە قەستەن يول قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتىگە قارشى تۇرماقچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلغان. تىرامپمۇ بۇندىن بۇرۇن خىتاينىڭ قەستەن پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېكسپورت سودىسىدىن پايدا ئالماقچى بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي تەرەپ بۇنى رەت قىلىپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 1018 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2019 18:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق