مالايشىيا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

مالايشىيا مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىدىن بىر ھەيئەت 17-ماي خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مەزكۇر ھەيئەت مالايشىيا مۇسۇلمان تەشكىلاتلار مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مالايشىيا-پەلەستىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇتىۋەللى رەئىسى موھد ئەزمى ئابدۇلھەمىد، مالايشىيا پارلامېنت ئەزاسى ناسىر ئادۇلزەكەرىيا، مالايشىيا سودا ئىشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى مۇھد خايرى مان ۋە نۇرھامى ئابدۇلئەزىزلەردىن تەشكىللەنگەن.

ھەيئەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى كۈتۈۋالدى.

سۆھبەت جەرياندا مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىي تونۇشتۇرۇلدى.

ئاخىرىدا مېھمانلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئورتاق ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان تۈرلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندىن باشقا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2192 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2024 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق