ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 17-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى پولات-تۆمۈر سانائىتى بىرلەشمىسى خىتاينىڭ بازارنى قالايمىقان قىلىش قىلمىشى ھەققىدە ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، 27 ئەزا دۆلەتنىڭ سودا سىياسىتىنى نازارەت قىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى خىتاينىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرزدىكى ئاساسلىق ئەيىبلەشنىڭ بىرى بولسا خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى خام ئەشيا باھاسىنىڭ بۇرمىلىنىشىدىن مەنپەئەتلەنگەن. ياۋروپا پولات-تۆمۈر سانائىتى بىرلەشمىسى تەكشۈرۈشنى ئادىل رىقابەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر قەدەم دەپ تونۇشتۇرغان. ياۋروپادا پولات-تۆمۈر سېتىلىش مىقدارى ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە تۆتتىن بىر قىسىم ئازلىغان، ئەمما خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپاغا قىلغان ئىمپورتى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 20-ماي «دۇنيا ھەسەل ھەرىسى كۈنى» بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق بىرلەشمىسى ئاسىيادىن، بولۇپمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ھەسەللەرنى تاللا بازارلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ دېھقانچىلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى بولغان فىرانسىيە دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا: «خىتاي ئىشلەپچىقارغان ھەسەلنىڭ كۆپ قىسمى فىرانسىيەگە تۆۋەن باھادا ئىمپورت قىلىنىدۇ، بۇ ھەسەل ياۋروپادىكى ھەسەلگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت ھەسسە ئەرزان. بۇ ھالەت پۈتكۈل بازارنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ، فىرانسىيەدىكى ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارغا قارىتا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان، بۇرمىلانغان رىقابەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە شۇنداقلا ھەر خىل باھانىلەر ئىستېمالچىلارنى ئالدىدى» دېيىلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 2023-يىلى مارتتا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئىمپورت قىلىنغان 320 خىل ھەسەل ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، زاۋۇتلارنىڭ شېكەر قىيامى قوشۇش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، ھەسەلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالغان. خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەخمىنەن %74 ھەسەلدە بۇ خىل مەسىلە كۆرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1490 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2024 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق