خىتاي بىر يىل ئىچىدە 600 مىڭ كىشىنى سۈرگۈن قىلغان

خىتاي بىر يىل ئىچىدە 600 مىڭ كىشىنى سۈرگۈن قىلغان

خىتاي مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتكەن يىلىدىلا جەمئىي 600 مىڭ كىشىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2018- يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە سولانمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» ياكى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىشقا باشلىغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 2018-يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتاي شەنشى، جاڭشى، خۇنەن، فۇجيەن، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە 600 مىڭ كىشىنى مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ياشلار ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم ۋە ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا، دېيىشمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1141 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2019 18:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق