خىتاي ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى ئالاھىدە تەكىتلەش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 15-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق»10 -نۆۋەتلىك كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي يىغىندا يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مەنبەسىنى تەكىتلەپ: «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ئوبلاستلاردىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان قورچاق ئەمەلدارلار ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش، يوقىتىش پىلانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاش پىلانى بويىچە، بۇ يىل يىل بېشىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ مۇزېي»نىڭ كۆلىمىنى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىپ سالغان. 2-قارارلىق يېڭى سارايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى»دەك بۇرمىلانغان تارىخنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان 1500 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» قويۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2199 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2024 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق