مۇزلاپ ئۆلگەن 39 كىشىنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلمەكتە

مۇزلاپ ئۆلگەن 39 كىشىنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلمەكتە

26-ئۆكتەبىر ئەنگلىيەنىڭ Essex'te Waterglade شىركىتىگە قاراشلىق يۈك ئاپتوموبىلىدا ئۆلگەن 39 كىشىنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
24-ئۆكتەبىر تاراتقۇلاردا 39 خىتاي پۇقراسىنىڭ مۇزلاپ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، Essex'te Watergla شىركىتى ئەنگلىيە ساقچىلىرىغا يۈك ئاپتوموبىلىدا ئۆلگەنلەرنىڭ 31 ئەر، 8 ئايال ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
25-ئۆكتەبىر ئەنگلىيە ساقچى دائىرىلىرى مۇخبىرنىڭ ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاسپورت ياكى كىملىككە مەن ھېچقانداق ئىسپات بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى دەلىللەشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۇرۈشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆلگەنلەرنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەنگىلىيە ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئېنىقلىغان. ئەنگلىيە ساقچى تەرەپ ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرغىچە بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 724 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2019 09:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق