خىتاي بىلەن ئامېرىكا بەش نۇقتىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا كۆرۈشۈش ئارقىلىق، بەش نۇقتىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ 26-ئاپرېل ئېلان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئىككى تەرەپ سۆھبەت داۋامىدا بەش نۇقتىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان:

بىرىنچى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. ئىككى تەرەپ سان-فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىن بۇيان خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى سۆزلىشىش ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ئىككى تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ سان-فىرانسىسكودا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە قوشۇلغان.

ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى ساقلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى كېڭىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى ئارمىيە ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ زەھەر چەكلەش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلغان.

ئۈچىنچى، ئىككى تەرەپ خىتاي-ئامېرىكا سۈنئىي ئىدراك ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى باشلاپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى توغرىسىدا كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي-ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى كېڭىشى، خىتاي-ئامېرىكا دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى كېڭىشىنى ئۆتكۈزۈش، خىتاي-ئامېرىكىنىڭ كونسۇل كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش، خىتاي-ئامېرىكا زەھەر چەكلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش، ئامېرىكا خىتاينىڭ كىلىمات ئۆزگىرىش ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئېلىشقا قوشۇلغان.

تۆتىنچى، ئىككى تەرەپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى تەرەپلىك ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش، 5-ئايدا خىتاينىڭ شىئەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان 14-نۆۋەتلىك خىتاي-ئامېرىكا ساياھەت يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان.

بەشىنچى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە كېڭىشىشنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ ئالاھىدە ئەلچىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان.

بىلىنكېن بىلەن ۋاڭ يىنىڭ سۆھبەتلىشىش نەتىجىسى ھەققىدە ئوخشىمىغان تەھلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتايغا قىلغان سەپىرىنىڭ ھېچقانداق مەسىلىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا نۇرغۇن جەھەتلەردىن يەنە زور پەرقلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نىسبەتەن ئىجابىي بېرىلگەن باھالاردا ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي سەپىرىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئالاقىنى ساقلايدىغانلىقى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىختىلاپنى يوشۇرالمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ باھاسىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىن يەنىلا رازى ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما بىلىنكېننىڭ خىتاي سەپىرىگە نىسبەتەن ئىجابىي پوزىتسىيەلىرى بار ئىكەن. بۇ زىيارەت جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان ئەڭ يېڭى بەش ئورتاق تونۇش ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتايغا قارىتا توغرا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلىش مەسىلىسى بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا خىتاي تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەنلىكىدىن ئىكەن. خىتاي نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش خىتاينىڭ قىزىل سىزىق سىزىش ئارقىلىق، ئامېرىكىغا قارىتا قائىدە بەلگىلىگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1238 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2024 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق