غۇلجىدا 102 پارتىيە ئەزاسى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى


23-مارت سىنا خەۋەر تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىدىن قورقۇپ كەتكەن مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى 102 پارتىيە ئەزاسى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
خەۋەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىن 102 پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى ئوبلاست بويىچە 6897 كىشىگە دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى، 5585 پارتىيە ياچېيكا خىزمەتچىلىرىگە جىنايەت بېكىتكەنلىكىنى، 119 پارتىيە ئەزاسىنى ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئامما ئىچىدىلا ئەمەس، ئاساسىي قاتلامدا خىتايغا ماسلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان مىللىي كادىرلارنىمۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، ئۆزئارا پاش قىلىش ھەرىكىتىگە تەشكىللىگەن. پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە ئۆزئارا پاش قىلىش كۈچىيىپ، خىزمەتچىلەر ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ۋەزىيەت قاتتىق ئېغىرلىشىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارنىڭ سانى ئاشقان.

بۇ خەۋەر 10755 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2019 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق