چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى دۇنيا بويىچە ئاخىرىدىن سانىغاندا سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرغان، خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانى دۇنيادا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى (RSF) 3-ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە 2024-يىللىق «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي 180 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە 173-ئورۇندا تۇرغان. مەركىزى پارىژغا جايلاشقان چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانى يەنىلا دۇنيادا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي داۋاملىق ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغان ۋە تەكشۈرگەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ژۇرنالىستلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، ئاخبارات ئۇچۇر يوللىرىنى داۋاملىق قاتتىق كونترول قىلغان. توردىكى مەزمۇنلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، سەزگۈر ياكى خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقات لىنىيەسىگە قارشى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى قاتتىق چەكلىگەن. 2023-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشۋىقات مۇتەخەسسىسى ئالېكساندرا بىيلاكوۋىسكى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتايدىكى ئەھۋاللار قىلچە ياخشىلانمىدى، خىتاي يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ژۇرنالىست قامالغان دۆلەت بولۇپ، نۆۋەتتە 119 ژۇرنالىست تۈرمىگە قامالغان. بۇلارنىڭ ئونى خوڭكوڭلۇق» دېگەن.

ئۇ مۇخبىرغا يەنە: «بىز بىخەتەرلىكنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، خىتاينىڭ ژۇرنالىستلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىدى» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ناچارلىشىپ كەتكەن، ھەتتا ئىلگىرى خەۋەر قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئاددىي تېمىلارمۇ ئەمدىلىكتە خەۋەر قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان، ھەتتا ئەسلىدە خىتاينى زىيارەت قىلىش ۋە بەزى تېمىلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىش ئەركىنلىكى بار چەت ئەللىك ژۇرنالىستلار ئۈچۈنمۇ ئالاقىدار ئەھۋالنى خەۋەر قىلىش ناھايىتى قىيىنلىشىشقا باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1872 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2024 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق