تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ياڭرىدى

تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ياڭرىدى
ئامېرىكا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق» لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
4- دېكابىر ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت مەجلىسدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

باياناتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«تۈرك دۆلىتىنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان 30 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان تۈركلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى خۇددى ئۇ يەردىكىلەرنىڭ خىتاي دۆلىتىگە ئىسيان قىلغان، ئايرىلماقچى بولغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرگە قارىغاندەك مۇئامىلە قىلشىىدۇر. مەن سىلەرگە چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئوچۇق دەلىل ئىسپاتلار شۇكى، شەرقىي تۈركىستان خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بىر زېمىندۇر، ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ پارچىسى ئەمەس! ئالدى بىلەن بۇنى ئېنىق بېكىتىشىمىز كېرەك! بۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قوللىشى كېرەك! ۋە مەن پارلامېنتا بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەم نامىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە چاقىرىق قىلىمەن؛ ھېچبولمىغاندا بۇ زۇلۇمنى ئەيىبلەڭلار، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمگە چاقىرىق قىلىمەن: سۈكۈتتە قېلىشىڭىز زۇلۇمغا ئورتاق بولغانلىقىڭىز مەنىسىگە كېلىدۇ، سۈكۈتتە قېلىشىڭىز زالىمغا يول قويۇش مەنىسىگە كېلىدۇ، ئاۋازىڭىزنى يۈكسەلتىڭ! دېگەنلەرنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنىڭ داۋامىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشقا سۈكۈتتە قېلىشىنى چۈشىنەلمەي قېلىۋاتقانلىقىنى، تىجارەت دېسەڭ خىتايدىن ئوننى ئالىمىز بىرنى ساتىمىز، ھېچقانداق دۆلەت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ناچار، پەلەستىن، سۈرىيە ئۈچۈن قىيامەتنى قايىم قىلغانلار مەسىلە شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندە نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە قالىدۇ، جۇمھۇر رەئىسنىڭ ئاۋاز چىقىرىشى ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئەرەب بولۇشى كېرەكمۇ؟ دېگەن ئىپادىلەردە بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇخالىپەتچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مىللەت ۋەكىلى ئۆزتۈرك يىلماز پارلامىنتتا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكىدىن بۇرۇن ياردەم بېرىشى كېرەك ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلارچە ئىنسان جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇلماقتا، «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى قانۇن لايىھەسى تۈزۈپ چىققان بىر پەيىتتە، ئەسلىدە ئۆز مىللەتداش، ئىرقداشلىرىمىزنىڭ ئالدى بىلەن تۈركىيە تەرىپىدىن قوغدىلىشى، ئىگە چىقىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەپسۇسكى ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بۇ مەسىلىنى كۆرمەسكە سالماقتا. ئەمما شۇنى ئۇنتۇمايلىكى ئۇ يەردە ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم بار، ھەتتا بالىلارنىڭمۇ ئۇ لاگېرلادا تۇتۇلۇشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشتۇر ۋە خىتاينىڭ سىرتتىن كەلگەن چاقىرىقلارغا داۋاملىق ھالدا مېنىڭ ئىچكى ئىشىمغا ئارىلاشما دەپ جاۋاب بېرىشىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس، بۇ زۇلۇم دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇ يەردە بىر مىللەت يوق قىلىنىشىقا ئۇرۇنۇلماقتا. پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلىرىدىن ئېلىنماقتا، ھېچكىم بۇلارنى تېرروچى دېيەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمىتى تېرورچى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما پۈتۈن بىر خەلقنى بۇ شەكىلدە جازالاندۇرش ئەسلا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قانۇنىڭ تەستىقلىنىشى بىلەن تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىبى ئەيىبلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرماقتا
شۇنداقلا يەنە مەرسىن مىللەت ۋەكىلى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندىمۇ پارلامېنتا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتان زۇلۇمنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈن خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن ئېنىق ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جازا لاگېرلىرىنىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئامىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ۋە خىتاي ۋەتىنىمىزدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بارلىق جىنايەتلەرنى بىرمۇ بىر تىلغا ئېلىپ بۇنىڭ سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەجلىستنى ھەرىكەتكە چاقىردى.

 

 

بۇ خەۋەر 37754 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2019 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق