ئاغرىپ قالساڭمۇ پارتىيەدىن رۇخسەت ئېلىشىڭ كېرەك

ئاغرىپ قالساڭمۇ پارتىيەدىن رۇخسەت ئېلىشىڭ كېرەك
ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تۆنۈگۈن ئاشكارىلانغان بىر تونۇشتۇرۇشنامە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.
تونۇشتۇرۇشنامە ۋەتىنىمىزنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى قۇمباش يېزا ئارا مەھەللە كەنت پارتىيە ياچىيكىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر خەتتە شۇ يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق قۇۋان ھۇشۇرنىڭ سول تەرەپ ئېزىق چىشى مىدىراپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئاغرىپ كەتكەنلىكى، شۇڭا ئۇنى تاتقۇزۇۋەتمەكچى بولغانلىقى، بۇنىڭدىن پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ خەۋەردار بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك چىش دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىش ئۈچۈن قىلىپ بېرىلگەن.
بۇ ئىسپات خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئىنسان ھەقلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماستىن، كىشلىك ھوقۇقنى قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىجرائاتلىرىدا قايسى دەرىجىدە پەسكەش ھالەتكە چۈشكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ خەۋەر 38059 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2019 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق