ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى رەسمىي ئېچىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى رەسمىي ئېچىلدى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42-نۆۋەتلىك يىغىنى 9-سېنتەبىر جەنۋەدە ئېچىلغان بولۇپ، 27-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.
يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەسىلىسىدىن سىرت يەنە خوڭكوڭدىكى نامايىش مەسىلىسىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنىش مۇمكىنلىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇنقى باياناتىدا بۇ نۇقتىغا رەددىيە بېرىلگەن بولۇپ، خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا نامايىشلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن كۆپ ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ قېتىملىق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خوڭكوڭدىكى خې چاۋچيوڭ ۋە ۋۇ شۇچىڭ ئىسىملىك ئىككى ئايال سودا ماگناتى خوڭكوڭغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ۋە بۇ قېتىملىق نامايىشتىكى خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.
بۇ قېتىملىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى چوقۇم تىلغا ئېلىنىدىغان نۇقتىلاردىن بىرى بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيومۇ بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققدە خىتايغا بېسىم چۈشۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن

بۇ خەۋەر 806 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2019 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق