ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە تەكلىپ

ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە تەكلىپ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!

دوستلۇق، قېرىنداشلىق، ئىناق-ئىتتىپاقلىق رىشتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە، غۇربەتتە ئۆتۈۋاتقان بۇ مۇھاجىرلىق ھاياتتا يېتىپ كەلگەن مۇبارەك قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتكە بارلىق قېرىنداشلارنى تەكلىپ قىلىمىز. پائالىيەتكە ئىستانبۇل ۋالىيسى، فاتىھ  رايونلۇق ھۆمەت رەئىسى  قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ.  تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھۆرمەتلىك سۇلايمان سويلۇمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىشى مۇمكىن. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

ھۆرمەت بىلەن :

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى.

ۋاقتى:  8-ئاينىڭ  13-كۈنى (سەيشەنبە، ھېيتنىڭ 3-كۈنى)، سائەت 17:00

ئورنى: زەيتىنبۇرنۇ كونا بەلەدىيە ئىچىدىكى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى مەيدانى.

Kazlıçeşme Abay Caddesi No:165 , Zeytinburnu İstanbul,

خەرىتە ئورنى: https://maps.google.com.tr/maps?client=safari&um=1&ie=UTF-8&fb=1&gl=tr&entry=s&sa=X&ftid=0x14cabb9d1e2e8209:0xaabf203a9372c3b3&gmm=CgIgAQ%3D%3D

ئەسكەرتىش:

سەفاكۆيدىن ئاپتوبۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سائەت 16:30دا چارداقلى بېكەتتىن قوزغىلىدۇ.

بۇ خەۋەر 1418 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2019 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق