خوڭكوڭ خەلقى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى

خوڭكوڭ خەلقى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى

خىتاي مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ خەلقى 9-ئىيۇن خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەسىرى بىلەن ماقۇللىغان «قاچقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇنى»غا قارشى مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزگەن.
نامايىشچىلار «خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇنى بىكار قىلىنسۇن»، «خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەڭگۈلۈك يوقاپ كېتىشتۇر»، «خوڭكوڭ خەلقى مۇستەقىللىقنى خالايدۇ» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.
نامايىشچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خوڭكوڭنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىكى تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتنىشى توختىغان.
ئۇندىن باشقا تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك، سان فىرانسىسكو شەھەرلىرى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرى، يايونىيەنىڭ توكيو شەھىرى قاتارلىق دۇنيادىكى 29 شەھەردە خوڭكوڭدىكى نامايىشنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى «700 مىڭ خوڭكوڭ خەلقى قانۇن ئۆزگەرتىشنى قوللىدى» دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر يېزىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى تەتۈر تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ نومۇسسىزلىقىنى خەلقئاراغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان.

 

بۇ خەۋەر 1245 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2019 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق