ئالاھىدە تەكلىپ

ئالاھىدە تەكلىپ

ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!
6-ئاينىڭ 2-كۈنى (يەكشەنبە) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانلىقلار (بىر قىسىم قېرىنداش مىللەتلەرمۇ كېلىدۇ) بىلەن ئىپتاردا ئۇچراشماقچى. بارلىق خەلقىمىزنىڭ بۇ ئىپتارغا ئائىلىسى بىلەن قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ بىلەن ئىپتارلىق ئۇچرىشىشىمىزدا خەلقىمىزنىڭ پۇقرالىق مەسىلىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەلەپ، قىيىنچىلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. شەخسىي ئەرزلىرى بار قېرىنداشلارمۇ ئەرزلىرىنى سۇنسا بولىدۇ.
سەفاكۆي فەۋزى چاقماق چارداقلى بېكەتتىن ئاپتوبۇس ماڭىدۇ.
زەيتىنبۇرنۇ ۋە باشقا يەرلەردىن بارىدىغانلار مارمارايدا بارسا ئىنتايىن قولايلىق.
ئورنى:
‏İftar Yeri: Yeni Kapı Miting Alanı, Avrasya Gösteri Ve Sanat Merkezi
ۋاقتى: 02/06/2019 (يەكشەنبە)
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى


https://www.google.com.tr/maps/place/Aksaray+Mahallesi,+Avrasya+Gösteri+ve+Sanat+Merkezi,+Yenikapı+Etkinlik+Alanı,+Kennedy+Cd.+No:+11%2F1,+34096+Fatih%2Fİstanbul/@40.9993429,28.9435723,17z/data=!4m2!3m1!1s0x14cabbd2284a7f4d:0xce608e541e660175?hl=tr-tr&gl=tr

بۇ خەۋەر 1294 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2019 18:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق