يەكەندىكى ئىسلامىي ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

 

يەكەندىكى ئىسلامىي ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

پىدائىيلار سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتلەرگە ئاساسەن يەكەندىكى قەدىمىي مەھەللە ۋە مەسچىتلەرنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن چېقىۋېتلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

1.سۈرەتتىكى سىزىقنىڭ ئىچىدە كۆرسىتىلگەن يەكەن ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەت باغچا ئالدى ئاھالە كومىتېتىغا قاراشلىق يەكەننىڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ تەۋەلىكتە جەمئىي ئۈچ مەسچىت بار بولۇپ، مەھەللىدىكى بارلىق ئۆيلەر بىلەن قوشۇلۇپ بىراقلا چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەن.  مەھەللىنىڭ غەرب تەرىپىدە يەكەننىڭ قەدىمىي سېپىلى بار بولۇپ، مەھەللىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى چېقىلماي تۇرغان كۈجۈم مەھەللە ئوتتۇرىسىدا كۆلىمى ئون مو چوڭلۇقتا كېلىدىغان، تۆت چاسا كۆرۈنگەن ئاق يەر خەلق تەرىپىدىن «مانجۇ كۆل بېشى» دەپ ئاتالغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا يەكەن خەلقىنى ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلىگەن.

 ئۇندىن باشقا يەكەن ناھىيە گۇلباغ بازىرى  چىۋان كەنتىدىكى جۇمە مەسچىت  چىقىپ تۈزلىۋېتىلگەن . يەكەن ناھىيە گۇلباغ بازىرى 5 مەھەللىدىكى كۆلىمى  تەخمىنەن 1 مۇ ئەتراپىدا كېلىدىغان چىغۋان كەنت مەسچىتى ۋە ئەتراپىدىكى ئۆيلەر چىقىلىپ ئۇرنىغا  باشقا قۇرۇلۇش سېلىنغان .  

شەرقىي تەرىپىدىكى يەكەن خەلق باغچىسىدا نەچچە يۈز يىللىق دەرەخلەر بار بولۇپ، بۇ دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋىشسىز قالغان ياكى كېسىۋېتىلگەن دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

2.سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن خەلق باغچىسى ئەتراپىدا تەخمىنەن 1500 دىن 2000 غىچە ئائىلىكلەر بولۇپ، بۇ مەھەللىلەرمۇ چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەن. چېقىلغان بۇ ئورۇنلاردا قەدىمىي نۇسخىدىكى ئۆيلەر بار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بىنالارنىڭ بىر قىسمى تۆت-بەش قەۋەتلىك قىلىپ، قايتىلاپ سېلىنغان. بۇ تۇرالغۇلار ئەگرى-بۈگرى كوچىلار بىلەن تورلاشقان، بىر قاراشتىلا قەدىمىي قۇرۇلۇش مەدەنىيەت ئىزلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاۋات مەھەللە بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىسلامىي ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ بىر قىسمىنى چېقىپ ۋەيران قىلىۋەتكەن.

 

بۇ خەۋەر 1704 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2019 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق