شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى «ناماز ئىنكارچىلىرى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان ئاز بىر قىسىم ئەقىلسىز كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش، ھەدىس ئىنكار قىلىش، پەيغەمبەر ۋە ساھابىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش، دىنىي ئەھكاملارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنڭ «ناماز ئىنكارچىلىرى» ھەققىدىكى باياناتى

الحمد لله رب العالمين، والعاقبة للمتقين، والصلاة والسلام على عبده ورسوله وخليله وصفوته من خلقه نبينا وإمامنا وسيدنا محمد بن عبدالله، وعلى آله وأصحابه ومن سلك سبيله واهتدى بهداه إلى يوم الدين. أما بعد:

ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان خەلقىمىز!

خىتاي جاللاتلىرى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ۋە دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارنى قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، 2017 – يىلىدىن بېرى خەلقىمىزنى 1000 يىللىق دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن لاگېرلاردا ۋە تۈرمىلەردە ھەر تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى ۋە 10 مىڭلارچە ئىمانلىق مۇسۇلمان ئالىم، زىيالىي، دىندار كىشىلىرىمىز شېھىت قىلىندى. مىللىتىمىز ۋەتەندە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىش خەتىرى ۋە پاجىئەسى ئىچىدە جان تالىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ چىققان مۇھاجىرەتتىكى مۇسۇلمان خەلقىمىز ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن غەيرەت ۋە چارە – تەدبىر قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا ياشىماقتا.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش يولىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر پەيتتە، ئۆزىنى دىنىي ئالىم كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ۋە «قۇرئانچى» داۋا قىلىۋاتقان مەلۇم شەخسلەر، ئىسلام دىنىغا ۋە قۇرئانى كەرىمنىڭ روھىغا پۈتۈنلەي زىت ھالدا ھەرخىل باتىل پىكىرلەر بىلەن پىتنە چىقارماقتا، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ ئىچىگە نىفاق ئۇرۇقى چاچماقتا ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ ئېتىقادىدا تەشۋىش ۋە داۋالغۇش پەيدا قىلىشقا تىرىشماقتا. يەنى ئۆزىنى سۆزدە «قۇرئانچى» دەپ داۋا قىلىۋاتقان مەلۇم شەخسلەر ھەسەل يالىتىلغان زەھەرخەندە سۆزلىرى بىلەن «ھەدىس ئىنكارچىلىقى»، «پەيغەمبەر ۋە ساھابە دۈشمەنلىكى» تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماقتا. ئىسلامنى پەيغەمبەردىن ۋە قۇرئاننى ھەدىستىن ئايرىپ، قۇرئان كەرىمنى ئۆزى خالىغانچە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئىسلام دىنىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا ۋە ھەتتا ئىسلامنىڭ ئاساسلىق رۇكنى بولغان بەش ۋاقىت نامازنى ئىنكار قىلماقتا.

ئەزىز خەلقىمىز!

ئىسلامدا ئاقىل ۋە بالاغەت يېشىغا يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇشى پەرزدۇر. نامازنىڭ پەرزلىكى، ئوقۇلىدىغان ۋاقىتلىرى، رەكئەتلىرى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ۋە ئەمەلىي تەتبىقاتلىرى بىلەن مۇتەۋاتىر (شەكلىنىشكە مۇمكىن بولمايدىغان) شەكىلدە كەلگەن؛ بارلىق ساھابىلەر ۋە ھەر ئەسىردىكى مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن سابىتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شەكسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»  (سۈرە نىسا، 103 - ئايەت).

«(ئى پەيغەمبەر!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر (بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا) ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن.» (سۈرە ئىسرا، 78 - ئايەت).

«كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇغىن..» - (سۈرە ھۇد، 114 - ئايەت).

مانا بۇ ئايەتلەر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلىي تەتبىقاتى بەش ۋاقىت نامازنىڭ ھەربىر مۇسۇلمانغا تەرك ئېتىشكە قەتئىي بولمايدىغان پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تالاش-تارتىش قوبۇل قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر.

پۈتكۈل مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى «بەش ۋاقىت ناماز مۇشرىكلارنىڭ نامىزى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش كۇپۇرلۇقتۇر. چۈنكى ئايەت ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بىلەن ھۆكمى سابىت بولغان بىر پەرزنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. بۇنداق كۇپۇر سۆزلەرنى قىلىش ۋە ئۇنى توغرا دەپ تەستىقلاشمۇ ئىنساننى كاپىرلىققا ئېلىپ بارىدۇ. جانابى ئاللاھ ھەر بىرىمىزنى ئېزىپ كېتىش ۋە ئازغۇنلارنىڭ كەينىگە كېرىپ كېتىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان خەلقىمىز! بىز شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، يۇقىرىقىدەك ئازغۇن كىشىلەردىن بارلىق خەلقىمىزنى ئاگاھلاندۇرىمىز، ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە قۇلاق سالماسلىققا چاقىرىمىز. مۇشۇنداق ئازغۇن كىشىلەرنىمۇ دەرھال خەلقىمىز ئالدىدا سۆزىدىن يېنىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ قايتىدىن ئىمان ئېيتىشقا، مۇسۇلمان خەلقىمىزنى رەنجىدە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا ۋە ئىسلام دىنى ھەققىدە بۇنىڭدىن كېيىن قالايمىقان سۆزلەرنى قىلماسلىققا ۋەدە بېرىشكە چاقىرىمىز.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

2024-يىلى 1-ماي

 

بۇ خەۋەر 1884 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2024 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق