خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىتى تېخىمۇ ناچارلاشماقتا

خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىتى داۋاملىق ناچارلاشقان بولۇپ، خوڭكوڭدا 200 بانكىر ئىشتىن بوشىتىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى، خوڭكوڭدىكى پاي چېكى سودىسىنىڭ ئاجىزلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خوڭكوڭدىكى غوللۇق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىشتىن ئايرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇلتۇر خوڭكوڭدا تەخمىنەن 200 مەبلەغ سالغۇچى خىزمىتىدىن ئايرىلغان. بەزى تەھلىلچىلەر خوڭكوڭنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە قانۇن مۇھىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىگە قاراپ يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، بانكا كەسپىدە خادىم قىسقارتىش دولقۇنىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

بىلۇمبېرگ 22-ئاپرېل ئېلان قىلغان كەسپىي تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى 200 دەك بانكىر بۇلتۇر خىزمىتىدىن ئايرىلغان. ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسىدا ئىشلەيدىغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خوڭكوڭلۇق بانكىر ئامېرىكا ئاۋازىغا ئۆزىنىڭ تونۇيدىغان بىر قانچە خىزمەتدىشىنىڭ يېقىندا ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ياكى ئۇلارنىڭ بانكىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ يېڭى پايلارنى بازارغا سېلىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئازىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇ بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاپ: «يېقىنقى مەزگىللەردە يېڭى پايلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس، سېتىش مۆلچەردىكىدەك ياخشى بولمىدى. بۇ ئەھۋاللار مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىغا بېسىم چۈشۈردى. ئۆتكەن بىر يىلدا ئەتراپىمدىكى بەزى كىشىلەر (بانكىرلار) ھەقىقەتەن ئىشتىن بوشىتىلدى. باشقا ئورگانلار ئىقتىدارغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيەلەرنى قوللاندى. نۇرغۇن كىشىلەر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، باشقا جايلارغا كۆچۈش يولىنى تاللىدى» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1309 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2024 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق