خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى: تۈركىيەدە ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلىرىمىز بار

خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى: تۈركىيەدە ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلىرىمىز بار
مىللىيەت تورىنىڭ 26-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ باش مۇدىرى تۈركىيەدە ئۇزۇن مەزگىللىك سودا پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ بانكا ماگناتلىرىدىن بىرى بولغان سودا-سانائەت بانكىسى (ICBC) يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە تۈركىيەدە كۆپلىگەن تارماقلىرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بانكىنىڭ تۈركىيە شۆبىسى باش مۇدىرى گاۋ شياڭياڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
ئۇ سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تۈركىيەدە ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلارنى تۈزگەنلىكىنى، كەلگۈسىدىكى نەچچە يىل ئىچىدە تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يۈز يىللىقىغا ئوخشاش كۆپلىگەن تارىخىي پەيتلەرنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى، سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تۈرلۈك نىشانلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خەلقئارادىكى سودا كۈچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى ئارقىلىق تۈزۈپ چىققان ئىستراتېگىيەلىك تەبىرلىرىنى قوللىنىپ، يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بانكىلار قاتارىغا كىرىش پىلانى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، ھۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى بولسا خىتاي پۇلىنىڭ تۈركىيەدە قوللىنىشىنى ۋە داۋاملىق كۆپەيتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى 2014-يىلى تۈركىيە بازىرىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيەنىڭ توقۇمىچىلىق بانكىسىنى سېتىۋېلىپ، نامىنى ئۆز ئىسمىغا ئالماشتۇرغان. ھازىرغىچە ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار، بەشىكتاش، بايرامپاشا قاتارلىق كۆپلىگەن رايونلىرىدا سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ شۆبىلىرى ئېچىلغان.

بۇ خەۋەر 704 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2019 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق