خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى 594 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىستانبۇل مۇنارىنى سېتىۋالدى

خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى 594 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىستانبۇل مۇنارىنى سېتىۋالدى

خەۋەر تۈرك تورىنىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ (ICBC) تۈركىيە شۆبىسى تۈركىيەنىڭ 594 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىستانبۇل مۇنارى 205 قۇرۇلۇشىنى سېتىۋالغان.
مەزكۇر قۇرۇلۇش ئىستانبۇلنىڭ زىنجىرلىكۇيۇ رايونىدا بولۇپ، يەر كۆلىمى 235 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى بۇ قۇرۇلۇشنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى پاي چېكى باھاسى بىراقلا ئۆرلەپ كەتكەن.
خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىكى سودا پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا تارماق شۆبىلىرى ئېچىلغان. بۇندىن بۇرۇن بانكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش مۇدىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى بارلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بانكا ساھەسىدە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 692 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2019 12:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق