خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تالاش-تارتىشلىق قانۇن لايىھەسىنىڭ تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تالاش-تارتىشلىق قانۇن لايىھەسىنىڭ تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى

ب ب س تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ھۆكۈمەت باشلىقى جىنجېڭ يۆئې 4-سېنتەبىر تېلېۋىزوردا بايانات ئېلان قىلىپ، تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
جىنجېڭ يۆئې باياناتىدا نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىگە قارىتا تۆت تۈرلۈك يېڭى قارارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلار تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسىنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ساقچىلارنى نازارەت قىلىش ھەيئىتىگە يەنە ئىككى ئەزا كۆپەيتىش، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى خەلق بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئوخشىمىغان تەلەپلەرگە قۇلاق سېلىش ۋە مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، خوڭكوڭ جەمئىيىتىدىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار ئىكەن.
باياناتتا نامايىشچىلارنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتى قۇرۇش، نامايىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغانلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ۋە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تەلەپلىرى رەت قىلىنغان بولۇپ، جىنجېڭ يۆئې بۇ تەلەپلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ چىقىرىلغانلىقىنى، ھازىر نامايىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ قانۇن لايىھەسى مەسىلىسىدىن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارىتا يۆتكەلگەنلىكىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىشنى تەشكىللىگەن خەلق تەشكىلاتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق چاقىرىق قىلىپ، نامايىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بەش تۈرلۈك تەلەپنىڭ بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 804 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2019 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق